Aktu 文本歌词
作词 : Abdulla Sawut
作曲 : Muhtar-Abdurxit
ئاقتۇ ،
ئابدۇللا ساۋۇت .
ساڭا باقسام مۇھەببەتلىك كۆزۈمدە ھەر سەھەر ئاقتۇ،،
دىلىمنى مەھلىيا ئەيلەر گۈزەللىك شۇ قەدەر ئاقتۇ..
ئەزەلدىن شۆھرىتىڭ چىققان گۈرۇچ، بۇغداي ماكانى دەپ،،
پايانسىز يەرلىرىڭ مۇنبەت، نېمە تىكسەڭ ئۈنەر ئاقتۇ ..
ئۇپۇققا باش قويۇپ ياتقان ئېكىز تاغلار ئەمەس خالى،،
ئۇنىڭ ئاستى ھېساپسىز مول كۆمۈر، ئالتۇن، گۆھەر ، ئاقتۇ .
يېشىل يايلاقتى چارۋا ساڭا بايلىق -- ئەبەد پۈتمەس،،
ساناققا يەتمىگەي سانمۇ سانالسا ئۇ ئەگەر، ئاقتۇ ...
باھار ئەييامى ھۆسنۈڭگە يېڭى تۈس بەردى، ياشناتتى،،
ۋەتەن ئاسمانىدا سەنمۇ يېڭى يۇلتۇز، ئۈكەر ئاڭتۇ...
سېنىڭ قوينۇڭدا ھەر مىللەت ئۇيۇشتى چىڭ ئۇيۇل تاشتەك،،
ئۇلۇغ مەنزىلگە بەل باغلاپ يەنە قىلدى سەپەر ، ئاقتۇ ..
ئىجاد-مىھنەتتە لاچىندەك قىلىپ پەرۋاز قانات قاقتىڭ،،
يېڭىپ مۈشكۈل- جاپالارنى ياراتتىڭ شان-زەپەر ئاقتۇ..
Aktu LRC歌词